خىتاي پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى

خىتاي رېجىمى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئاتالمىش «پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ پىلانى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان خىتايچە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئاتالمىش «پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقان. مەزكۇر پىلاندا «پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەر تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتايچە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىشنى باش تېما قىلىش، ئاتالمىش «خىتايچە پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پىلاندا قولى نەچچە ئون مىليونلىغان كىشىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان ماۋزېدۇڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى خەلق ئارىسىدىكى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا قارشى پىكىردىكىلەرنى تېپىپ چىقىش مەقسىتىدە ھىيلە بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» سىياسىتى قايتا تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى خىتاينىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئۇنى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر پىلاندا يەنە ئاتالمىش «خىتايچە خاسلىققا ئىگە، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك ئىلمىي ئۇقۇم»نى بەرپا قىلىش، خىتاي ئىلمىنىڭ سىرتقا چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش، خىتايچە يېڭى تىپتىكى ئەقىل ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى ئەقىل ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ، خىتاينىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ساھەدىكى تەسىرىنى ئازايتىپ، مۇستەبىتلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئاتالمىش «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» سىياسىتىدىن ئىبارەت خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ مەشھۇر ئالدامچىلىق سىياسىي ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم يولغا قويۇش ئارقىلىق، خەلق ئىچىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تازىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1010 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2022 23:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق