ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى كۇرت كامپبېل ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى خىتاي ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى لاۋرا روسېنبېرگ مارت ئېيىنىڭ بېشىدا ئەنگلىيە ۋەكىللىرى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئاچقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۆز گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا ئىككى كۈنلۈك كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەشكەن.

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى جون ئاكۋىلىنو ئالدىنقى ئايدا بىرلەشمە ئارمىيەنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە بارغاندا، پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىگە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن ھەققىدىكى يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ، ئاسىيادىكى تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا يەنە ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان تەقدىردە، ئەنگلىيەنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىمۇ سۆھبەت تېمىسى بولغان. بايدېن ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرىنى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان. ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىش چەكلەنگەن ئۇچۇرلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەننىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى تەيبېينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن پىلانىغا تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقداشلىرىنى قاتناشتۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئىتتىپاقداشلار ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بولۇپ، ئەنگلىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1135 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2022 23:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق