خىتاي بانكا باشقۇرۇش ئورگىنى ئالدىنقى كۈنلەردە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى كاپىتالىنى خەلقئارالىق جازالاردىن قوغداش مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ بېشارىتى، دەپ پەرەز قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە چاقىرىلغان مەزكۇر ئىچكى يىغىنغا خىتاي خەلق بانكىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. يىغىندا رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك جازالىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى، قانداق قىلىپ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى كاپىتالىنى بۇ خىل جازالاردىن قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەردە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازالىرىدىن چۆچۈگەنلىكى، ئەگەر رايون خاراكتېرلىك ھەربىي توقۇنۇش ياكى باشقا كىرىزىس يۈز بەرسە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئوخشاش تەرىقىدە جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلار ۋە قاتناشقۇچىلار كونكرېت توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل خەلقئارالىق جازالارغا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەت خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم ئانالىزچىلار مەزكۇر يىغىننى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا ھېچكىم بۇ ھەقتە بىرەر ياخشى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويالمىغان بولۇپ، خىتاي بانكا سىستېمىسى چەت ئەلدىكى مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىشى، خەلقئارالىق SWIFT سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى قاتارلىق جازالاردىن ساقلىنىشقا تېخى تەييارلىقى يوق ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم