شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان خىتاي رامىزان ئېيىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدە ساختا تەشۋىقات پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن بولۇپ، 29-ئاپرېل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبەيدە ئىپتارلىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر پائالىيەتنى خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتايلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، 3000 كىشىلىك ئىپتارلىق تاماق تارقىتىلغان. خىتاينىڭ بۇ ساختىپەز ھەرىكىتى بىر قىسىم يەرلىك تاراتقۇلاردا ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان.
تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى، مەزكۇر ئىپتارلىق يېمەكلىكلەرگە كەتكەن چىقىمنى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسى چىقارماستىن، بەلكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى خىتاي سودا ئۇيۇشمىسىغا ئەزا سودىگەرلەردىن، جۈملىدىن بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن مەجبۇرىي يىغقان. بۇ ئۇچۇرنى دۇبەيدە ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە يەتكۈزدى.
ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، بارلىق ئىبادەتلىرىنى قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن تامامەن چەكلەپ كەلمەكتە. ئەمما چەت ئەلدە، بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە رامىزان ئېيىدەك مۇھىم كۈنلەرنى پۇرسەت بىلىپ، يالغان تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىدەك ساختا ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم