خىتاي يەنە ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن تەكشۈرۈلگەن ئالتە دېلونى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارمۇ بار ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا ئاشكارىلىغان ئالتە دېلونىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر ئەمەلدارغا چېتىشلىق بولۇپ، خىتاي تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جازالىغان مەزكۇر ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسى ئىجرائىيە 3-سوت كوللېگىيەسىنىڭ سابىق سوتچىسى، قورچاق ئەمەلدار ئەنۋەر ھېزىم ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنۋەر ھېزىم 2013-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن قوبۇل قىلغان قاشتېشى بۇيۇمى، سوۋغاتلىق پۇلنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 69 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ ساقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما قايسى نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەنۋەر ھېزىم 2022-يىلى 2-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

تەكشۈرۈلگەنلەر ئىچىدە يەنە يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ھاكىمى، قورچاق ئەمەلدار مېھرىگۈل ئۆمەرمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، توي مەرىكىسىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلىرى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كادىرلار ۋە باشقىلار سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ھېسابلىغاندا جەمئىي 146 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭغا ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي پائالىيىتىگە ئىشلەتكەنلىكى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تۇغقىنىنىڭ توي ئىشىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكى، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مېھرىگۈل ئۆمەرمۇ 2021-يىلى 5-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلىنىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن. ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئەمەلدارلار سىستېمىسىدا پارا ئېلىش، سوۋغات بېرىش، ئومۇمىي مۈلۈكنى شەخسىي ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق چىرىكلىك قىلمىشى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان پۇل سوممىسى خىتايدىكى چىرىكلىككە نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدا ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمى «چىرىكلىك، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىقلارنى نىشانلىق ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە،  بىر تەرەپتىن خەلقنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ جازالىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىمۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1420 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2022 11:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق