خىتاي يۇقۇم ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان

خىتاينىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئېغىر يۇقۇم ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى باستۇرۇش مەقسىتىدە ساقچى ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن شاڭخەي بىلەن بېيجىڭدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى تېزلىكتە كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تۆت تۈرلۈك «قانۇنسىز جىنايى ھەرىكەت»نى ئۇقتۇرغان. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش يىغىنىدا: «22-ئاپرېلدىن باشلاپ جەمئىي 40 دېلو قوبۇل قىلىندى، 48 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلدى، تۆت ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىككى دېلو ئاتالمىش «يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى پەيدا قىلىش»قا چېتىشلىق ئىكەن. مەسىلەن: 48 ياشلىق بىر خىتاي «بېيجىڭ شەھىرىنى تاقايدىغانلىقى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، جەمئىيەتكە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى» دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي دائىرىلىرى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «ئۆسەك سۆزلەرنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئون نەچچە ئۆلكە ۋە شەھەرگە ساقچى ئەترىتى ئەۋەتكەن.

جۈملىدىن بىر ئايدىن بېرى ئومۇميۈزلۈك قامال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شاڭخەيدە 22-مارتقىچە ئىككى كىشىنىڭ ئاتالمىش «يالغان خەۋەر» تارقاتقانلىقى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى كىشى شەھەرنىڭ شەرقىي بىلەن غەربى ئوتتۇرىسىدا قاتناشنى ئۇدا تۆت كۈن كونترول قىلىنىشتىن بۇرۇنلا «توردا يالغان ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ نەدىلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاي رېجىمى 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا، يەنى خىتاي ۋىرۇسى يېڭىدىن تارقىلىشقا باشلىغاندا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، ئالاقىدار كىشىلەرنى ئېغىر جازالىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2022 10:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق