شاڭخەي شەھىرى ئالتە ياشتىن تۆۋەن 12 مىڭ 707 بالىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-ئاپرېل شاڭخەي شەھەرلىك خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 28-چېسلا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9:00 غىچە، شاڭخەي شەھىرىدە جەمئىي 556 مىڭ 709 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ئېنىقلىنىپ، ئۇلارغا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. 27-ئاپرېل شاڭخەي شەھىرىدە 47 نەپەر بىمار ئۆلگەن.
خەۋەردە ئۆلگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ تەخمىنەن 85 ياش ئىكەنلىكى، بۇ 47 بىمارنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭىگە قان چۈشۈش ئاسارىتى، دىيابېت، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق ھەرخىل ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەنلىكى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلىكى، ئۆلۈشتىكى بىۋاسىتە سەۋەبىنىڭ ئاساسىي كېسەللىكلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۆلگەن بىمارلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلمىگەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
نۆۋەتتە شاڭخەي شەھىرىدە 60 ياشتىن ئاشقانلاردىن جەمئىي 3 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملىنىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى %62 كە يەتكەن. شاڭخەيدىكى ھەر قايسى رايونلارمۇ يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەشتە ياشانغانلارنى ئاساس قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي شەھىرى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن جەمئىي 12 مىڭ 707 بالىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %2.4نى ئىگىلەيدىكەن. يۇقۇملانغان بالىلار ئاساسلىقى شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كىلىنىكا مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن بېيجىڭ شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە يەنە 50 كە يېقىن يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن. بېيجىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 50 تىن ئارتۇق كىشىنى «يۇقۇم ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ