ما شىڭرۈي ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 25-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە خوتەن ۋىلايىتىدىكى نىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك تېررور سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سانسىزلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقاتتى. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن تارتىپ تېخىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتۈپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي نىيە، كېرىيە ناھىيەلىرىدە ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى، بازارلىق ساقچىخانا ۋە ساقچى پونكىتلىرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش داۋامىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى قوشۇننى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي يەنە چىرا ناھىيەلىك، نىيە ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» قاتارلىق باستۇرۇش ئىبارىلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1405 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2022 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق