خىتاي رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىناغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى ۋاقىتلىق توختاتماقچى

ئۇكرائىنا داجياڭ شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى بۇ سەۋەبلىك رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىستېمال تۈرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئالدى دەپ قارالغان داجياڭ شىركىتى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى سودا پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ھەقتە ئاشكارا تەدبىر قوللانغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇكرائىنا داجياڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك داجياڭ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلغان.

ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مىخايلو فېدوروف ئالدىنقى ئايدا داجياڭ شىركىتىگە خەت يېزىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. فېدوروف مەزكۇر خېتىدە: «شىركىتىڭلاردىن رۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق سودا مۇناسىۋىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. ئۇ تىۋىتتېردا يەنە: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنى ئۆلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان مەھسۇلاتلىرىڭلارنى رۇسىيەگە سېتىشنى توختىتىڭلار» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، داجياڭ شىركىتى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، داجياڭ شىركىتىنىڭ پەقەت خەلق ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى، شىركەتنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا قورال ئورنىتىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، مەھسۇلاتلىرىنى ھەربىي مەقسەتتە ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ داجياڭ شىركىتى دۇنيا بازىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

رۇسىيەنىڭ يېقىن دىپلوماتىك ھەمراھى بولغان خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنى قارار چىقىرىشتا گاڭگىرىتىپ قويماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1089 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2022 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق