تۈركىيەدە «مىللەت ئىتتىپاقى» پارچىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە «مىللەت ئىتتىپاقى»دىكى دەۋا پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئەلى باباجان بايانات ئېلان قىلىپ، دەۋا پارتىيەسىنىڭ كېلەر قېتىملىق سايلامغا ئۆز نامى ۋە بەلگىسى بىلەن ئايرىم قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋال مىللەت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش سىگنالى بولۇپ قالدى.

تۈركىيەدە ئومۇمىي سايلام 2023-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلام ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاق قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇلاردىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىشىپ قۇرغان ئىتتىپاق «جۇمھۇر ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغانىدى. جۇمھۇر ئىتتىپاقىغا قارشى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى، دەۋا پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى ۋە دېموكرات پارتىيەسى قاتارلىق ئالتە پارتىيە بىرلىشىپ ئىتتىپاق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىتتىپاق «مىللەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغانىدى. بۇندىن باشقا يەنە 20 پارتىيە بىرلىشىپ بىر ئىتتىپاق قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىتتىپاقى «تۈركىيە ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغانىدى.

55 ياشلىق ئەلى باباجان بۇرۇن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، 2002-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى بولغان. ئۇ 2020-يىلى 3- ئايدا سابىق دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەكلىپى ۋە مەسلىھەتى بىلەن «دەۋا پارتىيەسى»نى قۇرغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1407 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2022 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق