خىتاينىڭ يەنە يەتتە يېرىم مىليون كىشىنى جازا لاگېرىغا قامايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالاقىدار مەلۇماتلار كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە يەتتە يېرىم مىليون كىشىنىڭ جازا لاگېرىغا قامىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر «يىرىك پىلانى»دا خىتاينىڭ «13-بەش يىللىق پىلانى» مەزگىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنغان ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى» خۇلاسىلەنگەن. شۇنداقلا 14-بەش يىللىق پىلانىدا، يەنى 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 7 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش»نىڭ قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، باشتا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان خىتاي رېجىمى كېيىن بۇ جىنايەتلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نام بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق پىلاندا تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر يەتتە يېرىم مىليون كىشىنىڭمۇ ئوخشاش باھانە بىلەن جازا لاگېرىغا قامىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش سىستېمىسى»نىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغانلىقى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك «كەسپىي تەربىيەلەش سىستېمىسى»نىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كارخانا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جازا لاگېرىغا قاماش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

خىتاي 2020-يىلى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە ھەر يىلى بىر مىليون 300 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش»كە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ ئاساسەن، بەش يىل ئىچىدە جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ سەككىز مىليونغا يېقىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگو ئالماشتۇرۇلۇپ، ئورنىغا ما شىڭرۈي كەلگەن بولسىمۇ، ئانالىزچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرى ۋە ئالاقىدار پىلانلىرى بۇ قاراشنى دەلىللىمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1506 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2022 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق