پاكىستاندىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۈچ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشى ئۆلدى.
ئەلجەزىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئاپرېل پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە جايلاشقان كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك پارتلاشتىن كېيىن، نىشانغا ئېلىنغان كىچىك مىنىبۇس كۆيۈپ ۋەيران بولغان. پارتلاشتا تۆت ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى خىتاي ئىكەن. ئۇندىن باشقا تۆت ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىر خىتاي بار ئىكەن. پارتلاشتا ئۆلگەن ئۈچ خىتاينىڭ بىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ گۈيپىڭ، قالغان ئىككىسى بولسا دىڭ موپىڭ، چېن سەي ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن.
ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مىنىبۇس كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە پارتلاش يۈز بەرگەن. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى 26-ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:51 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. پارتلاشتا يەنە شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر يېنىك يارىلانغان.
نۆۋەتتە بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان ئايالنىڭ سۈرىتىنىمۇ ھەمبەھرىلىگەن. بۇ بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايال ھۇجۇم قىلغۇچى ئىشلىتىشى ھېسابلىنىدىكەن. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئايال كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتايلارنىڭ قېنى ھەرگىز بىكارغا ئاقمايدۇ، بۇ ئىشنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى چوقۇم بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دەپ جار سالغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىنمۇ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە يازما ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئەيىبلەش بىلەنلا بولدى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتاي تەرەپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئاساستا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بازىسىغا ھاۋا ھۇجۇمى ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىسا بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم خىتاي سودىگەرلىرىگە ۋە خىتاي ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇلار خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، مول كان بايلىقىدىن ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان بەلۇجىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتلىنەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ