ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 25-ئاپرېل 2022-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ 2021-يىلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەتنى دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق، ئىزچىل ۋە ئېغىر ھالدا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەت» قىلىپ بېكىتىشكە چاقىرغان. بۇ مەزكۇر دوكلات 1999-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۇدا 23 يىل «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئىكەن.
كومىتېت دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە، ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارادا خىتايدىن ھېساب ئېلىشقا چاقىرغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە ئېتىقادچىلاردىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئېغىر ئىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى دىننى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى تەھدىت ياكى سىياسىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارايدىكەن. خىتاي يەنە دىنىي گۇرۇپپىلارنى ۋە دىنىي تەلىماتتىن كەلگەن مەنىۋى ھايات ۋە قىممەت قاراشنى ساداقەتسىزلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 880 مىڭ بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى، تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنى قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، ئاياغ-ئاستى قىلغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ