ۋابا بېيجىڭنىڭ دەرۋازىسىنى قاقتى

ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-ئاپرېل بېيجىڭدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن تارتىپ، 25-ئاپرېلغىچە 70 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان. نەتىجىدە بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونىدا كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەر رايونىدىن باشقا رايونلارغا چىقىشى چەكلەنگەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۈگۈندىن تارتىپ بېيجىڭنىڭ بىر نەچچە رايونىدىن باشقا كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى نەچچە مىليون پۇقراغا قارىتا يادرو كىسلاتا تەكشۈرۈشى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭمۇ شاڭخەيگە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىلغان شىركەتلەر بۇنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.

نۆۋەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرى شەھەرنىڭ قامال قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار قامال قىلىنغىنىغا بىر ئاي بولغان شاڭخەي شەھىرىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا قامال قىلىنمايدۇ، دەپ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك قامالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇندىن باشقا خىتايلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بىرى بولغان «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»غا بىر ھەپتە قالغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەزگىلدە بېيجىڭنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلسا، خىتايغا چوڭ زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1189 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2022 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق