ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى «ۋىلسون مەركىزى» ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ تەپسىلىي دوكلات دەپ سۈپەتلىگەن يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەر شارى خاراكتېرلىك باستۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 25-ئاپرېل ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى ۋىلسون مەركىزى نىكسون خىتاي-ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى تور ئارقىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «پولات سەددىچىن: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر شارى خاراكتېرلىك باستۇرۇش ھەرىكىتى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
دوكلاتنىڭ ئاپتورى داڭلىق خەلقئارالىق مۇتەخەسسىس بىرەدلىي جاردىن بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ، بۇ مەسىلىدىكى كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا پاناھلانغۇدەك يېرى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋىلسون مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئائىت ئەڭ ئەتراپلىق تەتقىقات دوكلاتى ئىكەن. بىرەدلىي جاردىن توپلىغان سانلىق مەلۇماتلار بۆسۈش خاراكتېرلىك مەلۇمات بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سۇنغان ئەز-شىكايەتلىرىنىڭ دۇنياۋى كۆلىمى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
بىرەدلىي جاردىن مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باستۇرغانلىقىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىدىغان باشقا دۆلەتلەر ئادەتتە داڭلىق پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلىدىكەن. ئەمما خىتاي ھەتتا ھېچقانداق سىياسىي كۆز قارىشى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش نىشانى قىلغان. خىتاينىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالەتكە كەلگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئادەتتە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كوزىر قىلىپ بېسىم قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى غەم-ئەندىشە ۋە چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.
254 بەتلىك مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان تەھدىتى، پاراكەندىچىلىكى ۋە قاتتىق كونتروللۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. خىتاي تەھدىت سېلىش ۋە تاپشۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۆزىگە قارشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. يەر شارى خاراكتېرلىك رەقەملىك كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ماشىنىلاشقان دەۋرگە كىرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ