ب د ت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ باۋچېڭنى سەۋەبسىز قولغا ئالغانلىقىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشى قولغا ئېلىنىش سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيەدە تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق «پۇقرالار ھوقۇقى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا خىتاي رېجىمىنىڭ جاڭ باۋچېڭنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنغان.
ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى 25-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇلتۇر بۇ ھەقتە چىقارغان ھۆكمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قارارنى ھازىر ئېلان قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئاۋسترالىيە، لىتۋانىيە، ئېكۋادور، زامبىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان ئەدلىيە ئۆمىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يېڭى پۇقرالار ھەرىكىتى» ئەزاسى جاڭ باۋچېڭنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلدى» دەپ قولغا ئالغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ باۋچېڭ 2013-يىلى ئاممىۋى سورۇنلارغا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى چاپلاپ، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك، «ئاممىۋى سورۇن تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇندىن باشقا جاڭ باۋچېڭ 2019-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ