ئامېرىكا پارلامېنتى ب د ت ئورگىنىنى تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرمەسلىككە چاقىردى

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ب د ت نىڭ قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرمەسلىككە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) ئەزالىرى 21-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى رەئىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرمەسلىككە چاقىرغان. ئۇلار مەكتۇپىدا كومىتېتنىڭ ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2015-يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى، شۇنداقلا ئىككى پالاتا ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مەزكۇر مەكتۇپنى خىتاينىڭ «قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، ب د ت قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىلاۋۇد ھېلېرگە ئەۋەتىپ، مەزكۇر ئورگاننى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى كېچىكتۈرمەسلىككە چاقىرغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىي ۋە كومىتېتنىڭ ئورتاق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن مەكتۇپتا خىتاينىڭ 2019-يىلى 12-ئايغىچە دوكلات تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئەمما مەزكۇر دوكلاتنى تېخىچە تاپشۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەكتۇپتا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا قامالغان كىشىلەرنىڭ سوت قىلىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، لاگېرلاردا قىيىن-قىستاققا ئېلىشنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
26/04/2022 12:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق