خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 25-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى سورىغان ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايسى جايلارنى، كىملەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە سوئال قويغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىسى 25-ئاپرېل خىتايغا يېتىپ كەلدى. ئالىي ئەمەلدار باچېلېت خانىم 5-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ زىيارەت مەقسىتى بولسا ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىز بۇ ئىشتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئويۇن ئويناشقا ھەرۋاقىت قارشى تۇرىمىز» دەپ بىلجىرلاپ، سوئالغا كونكرېت جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى زىيارەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. شۇنداقلا باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي تەرىقىدە تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم