خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خەلقئارانى ئالداشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي «1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەخسۇس ئاخبارات  ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەركىن شارائىتتا خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى جار سېلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 22-ئاپرېل بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ، ئەمگەك-كادىرلار تالاش-تارتىش كېسىم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيې قاتارلىق ئەمەلدارلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك تارماقلىرى، كارخانا مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى قاتناشقان.

يىغىندا ئەمەلدار ۋە ئاتالمىش ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى جازا لاگېرىغا قامالغانلارنى ۋە لاگېر، تۈرمە سىرتىدىكى خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىن ئىبارەت خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

يىغىندا شۈ گۈيشياڭ مۇخبىرلارغا بىلجىرلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىسى ۋە تەشەببۇسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ تاللاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېگەن گەپلەرنى تارقاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسى مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ: «خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈش بولدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ چىقىلغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش، ھەقسىز ياكى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئەمگەككە سېلىش، ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ، پاكىتلارنى بۇرمىلاشقا، ھەقىقىي ئەھۋالنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيمەكتە. خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى ئاستىدا قىرىلىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتايغا ئوخشىمىغان تەرىقىدە جازا يۈرگۈزدى. بۇنى كۈتمىگەن خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارشى، تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭ ۋە ساختا تەشۋىقاتلارنى ئىشقا سېلىش، خەلقنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1393 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق