لاگېر شاھىتلىرى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا نامايىش باشلىدى

يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىپ كەلگەن جازا لاگېرى شاھىتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكالى، گۈلباھار جېلىل، قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى بۈگۈن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى ئالدىغا يىغىلىپ، ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دوكلاتى ھەققىدىكى نامايىشىنى باشلىدى. ئۇلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات»، «باچېلېت، بىز سىزنىڭ ئادىللىقىڭىزغا موھتاج»، «بارساڭلار، بىزنىمۇ ئېلىپ بېرىڭلار»، «ب د ت، دوكلاتنى ئېلان قىلىڭلار» دەپ يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرگىنىچە، يامغۇرغا قارىماي نامايىش قىلدى.

تۆت لاگېر شاھىتى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغانلارغا كىيدۈرۈلىدىغان مەھبۇس كىيىمىگە ئوخشاش قىلىپ ئاپېلسىن رەڭلىك مەھبۇس كىيىمى كىيىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈستىگە «گۇگېلدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزدەڭ» دەپ يېزىلغان.

لاگېر شاھىتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ توغرۇلۇق سىن ھەمبەھرىلەپ، مەزكۇر نامايىشنى باشلاشتىكى مەقسىتىنىڭ ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ئالدىن تەييارلاپ قويغان ساختا كۆرۈنۈشلەرگە ئالدىنىپ قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر نامايىش خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى بىخەتەرلىك دائىرىلىرىگە «شەرقىي تۈركىستانلىق تېررورچىلار قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلغان. نەتىجىدە بىر تۈركۈم ساقچىلار كېلىپ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرگەن. ئەمما بۇنىڭ قانۇنلۇق نامايىش ئىكەنلىكىنى، بارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قايتىپ كەتكەن.

لاگېر شاھىتلىرى مەزكۇر نامايىشنىڭ بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1256 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2022 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق