خىتاي ئاتالمىش «رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» ھەرىكىتىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك باھانىلەر ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس يىغىنىدا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» 19-ئاپرېل  2-قېتىملىق مەخسۇس يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش»نى دائىملىق كۈرەش قاتارىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا: «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، 2022-يىلىدىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك» دەپ جار سالغان.

ۋاڭ مىڭشەن يەنە «نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۈزەش، تورغا چېتىشلىق قارا، رەزىل جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارنى تۈزىتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش» قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.

خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىل داۋامىدا ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل ناملار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش گۇرۇپپىسى»نىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1599 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2022 01:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق