ئەنگلىيە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرى 22-ئاپرېل قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى سۇنۇپ، ئەنگلىيە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرى ساجىد جاۋىد ئەنگلىيەنىڭ «ساغلاملىق ۋە غەمخورلۇق قانۇنى»غا تۈزىتىش لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، ئەنگلىيە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ قۇل ئەمگىكى ياكى ئادەم بېدىكچىلىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋېلىشى ياكى ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىدە شەرقىي تۈركىستان ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئانالىزچىلار بۇ لايىھەنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە خىتايدىن بەش مىليارد 800 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئانتىگېن سىناق دورىسى سېتىۋالغان. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر تېببىي بۇيۇملارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ سەۋەبلىك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە سەھىيە سىستېمىسى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. تۈزىتىش لايىھەسى پارلامېنتتا كېلەر ھەپتە ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1267 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2022 00:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق