خىتاي ئۈرۈمچى-موڭغۇلكۈرە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى-موڭغۇلكۈرە بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.

خىتاينىڭ بۇلاڭ-تالاڭ لىنىيەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر تۈر تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بەلگە خاراكتېرلىك تاغلىق رايون ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر ئايرودۇرۇم «موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلانى» مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى يولغا قويۇلغان پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ئىكەن.

بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-موڭغۇلكۈرە بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 22-ئاپرېلدىن تارتىپ ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇش پىلانلانغان. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. كېيىن ئېھتىياجغا ئاساسەن كۈندە بىر قېتىم قاتنايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن موڭغۇلكۈرەگە بېرىشتا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ تۆت سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن پەقەت بىر يېرىم سائەتتىلا موڭغۇلكۈرەگە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە. ئۇندىن باشقا ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا ئاساسەن، مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2022 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق