شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى چەكلىگەن خىتاي نومۇسسىزلىق بىلەن، شىۋېتسىيەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 20-ئاپرېلدىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي مۇخبىرنىڭ شىۋېتسىيەدىكى بىر رادىكال سىياسەتچىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى، كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شىۋېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئوخشىمىغان ئېتىقادقا زەربە بېرىشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى، مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋىنى بولمايدىغانلىقى، بەلكى خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەلۇم ئېتىقاد ياكى مەدەنىيەتنى كەمسىتىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى، شىۋېتسىيەنىڭ بۇ قېتىم ساۋاق ئېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوغدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سېلىپ، نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.
ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلغان، زىيانكەشلىك قىلغان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ، كۆيدۈرۈلگەن قۇرئانلارنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتتى ياكى بۇزۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دەۋا قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرگە دۈشمەنلىك يولىنى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كەمسىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايەتلىرىنى ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ، ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي باياناتچىسىنىڭ بۇ نومۇسسىز بايانلىرى بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شىۋېتسىيەنى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە تەنقىد قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم