خىتاي ئومان خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر نەچچە يىلدىن بېرى قاتتىق كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ھەرىكىتىدە بۇ قېتىم ئوماننى تاللىغان بولۇپ، 19-ئاپرېل ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئوماندىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا خىتاينىڭ ئوماندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى لىڭبىڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قورچاق ئەمەلدار نۇرۇم ئىسمايىلقان قاتارلىقلار قاتناشقان.

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان لى لىڭبىڭ: «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، كۆپچىلىكنى ئالدىدى. ئوماندىكى ھەر ساھە دوستلار ۋە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىغان. نۇرۇم ئىسمايىلقانمۇ: «ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، تاشقى كۈچلەر شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى تور يىغىنىغا يەنە بىر قىسىم خەلق ئاممىسىنىمۇ مەجبۇرىي قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغۇت تىزگىنلەش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئەھۋالىنىڭ يوقلۇقى، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ئاددىي سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1116 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2022 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق