شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى نومۇسسىزلارچە «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە بىر قىسىم جازالارغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق يىغىنى 20-ئاپرېل يېپىلغان. مەزكۇر يىغىندا «1930-يىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى» ۋە «1957-يىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى» تەستىقلانغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 2-ئايدا خىتايدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرگە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا-خىتاي ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدىكى شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمەتتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ھوقۇقتۇر. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ بۇ ئاساسىي ئەھدىنامىلەرنى تەستىقلىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇلتۇر 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئىمزا قويغان. قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان تەقدىردە، 6-ئايدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن مال ئىمپورت قىلىشى چەكلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سەۋەبلىك توختىتىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەينى-كەينىدىن بىر-بىرىنى جازالىشى ئارقىسىدا، مەزكۇر كېلىشىم مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلگەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك، «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى ناتايىن ئىكەن. ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالاشنى ئەمەلىيەتتە «خىتاينىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنمايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جورج ۋۇدكې ئالدىنقى ھەپتىدىكى سۆزىدە ئەگەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەرتمىسە، خىتاينىڭ كېچىكىپ بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ