ئامېرىكا ئەلچىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينى ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىلد 20-ئاپرېل، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ تىۋىتتېردا بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاپ، ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ گۈلشەن ئابباسنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ۋەھشىيلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2019-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇرۇن بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «گۈلشەن ئابباس تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئاممىنى توپلىغانلىقى ئۈچۈن، ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ جازالاندى» دەپ بىلجىرلىغانىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گۈلشەن ئابباس ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ ئاچىسى بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم ئاچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش سەۋەبىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 955 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2022 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق