خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلالمىغان، 13 ياشلىق قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا پائالىيىتى باشلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى بۇخەلچەم ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قىزىنى خىتاينىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. چاقىرىقتا: «بىز پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەلسەئۇدقا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمىزكى، بۇخەلچەم ئابدۇللاھ، ئۇنىڭ قىزى، بۇخەلچەم ئابدۇللانىڭ سابىق يولدىشى نۇرمۇھەممەت روزى ۋە ئۇنىڭ دوستى ھەمدۇللاھ ۋەلىنى خىتايغا قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشىڭلار كېرەك. ئۇلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.
مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەركىنلىكنى چەكلەش، قىيناش ۋە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئاشكارىلانغان رەسمىي ھۆججەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يۈزلىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، بىر قىسىم سىنلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 2020-يىلى 20-نويابىر مەككە مۇكەررەمنىڭ مىسفىلا مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇنلارنىڭ بىرى 2020-يىلى 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ھەجگە بېرىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي تۇرۇپ قالغان ھەمدۇللاھ ۋەلى، يەنە بىرى 2006-يىلىدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت روزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن. بۇخەلچەم ئابدۇللاھ بولسا نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بولۇپ، ئۇ 13 ياشلىق قىزى بىلەن بۇ يىل 30-مارت مەككە ئەتراپىدا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى.
مەزكۇر تۆت ئۇيغۇر ئەسلى 13-ئاپرېلدا سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، سەئۇدى دائىرىلىرى خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ قويغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ