خەلقئارادىكى 60 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، زىيارىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 خەلقئارالىق تەشكىلات 19-ئاپرېل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باچېلېتنى خىتاينىڭ زىيارەت جەريانىنى كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قانچە تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان. باچېلېت 5-ئايدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇدىرى سوفى رىچاردسون تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ خىتاي كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. مىشېل باچېلېت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيارەتنى كونترول قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەت پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمەستىن، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ 2014-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
مىشېل باچېلېت 2018-يىلى 9-ئايدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭغا قوشۇلمىغان. ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، خىتاي رېجىمى ئاخىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە مىشېل باچېلېت مۆلچەرلەنگەن زىيارەتكە كونكرېت تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، تەييارلىق جەريانىدا چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش بەلگىلىمىلىرىنى ئويلىشىش كېرەكلىكى ئېيتىلغان. بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان 60 تەشكىلات ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت خەلقئارا ھەرىكىتى، خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كومىتېتى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ