ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەنقىدچىلەر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ چەكلىمىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس 18-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە ئالەم بوشلۇقى بايلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللارنى سىناق قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرغان.
ھارىس باياناتىدا سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەنپەئەتىگە تەھدىت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سودا خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھلارغىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، خەلقئارانىڭ بۇ سۈنئىي ھەمراھلار تەمىنلىگەن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، يول باشلاش، تېلېۋىزىيە سىگنالى تارقىتىش ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە بۇلتۇر نويابىردا ئالەم بوشلۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قويۇپ بېرىش مەغلۇپ بولغان سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، نەتىجىدە 1500 پارچىدىن ئارتۇق ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى پەيدا بولغان. بۇ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.
بىر ئايدىن كېيىن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھارىس ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ھاۋا بوشلۇقى نىزامى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى رۇسىيەدىن باشقا، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىنىقىنى يولغا قويغانىكەن. ھارىس باياناتىدا: «بۇ خىل سىناقلار ئىنتايىن خەتەرلىك، بىز مۇناسىۋەتلىك سىناقلارنى ئەمدى قىلمايمىز» دېگەن ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال سىناق قىلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەگىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما تەنقىدچىلەر ۋاشىنگتون بىلەن بولغان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەزكۇر چەكلەش قارارىغا ئەگىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللارنى سىناق قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ