سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىماقچى بولغانلىقى ئامېرىكا ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بۇ ھەپتە سولومون تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدارى كۇرت كامپبېل بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى بۇ ھەپتە سولومون تاقىم ئارىلىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارالىق تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سولومون تاقىم ئارىلى، فىجى جۇمھۇرىيىتى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما زىيارەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىغان.
باياناتتا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ گۈللىنىشى، بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدى بىلەن ھاۋايدا توختاپ، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە رايونلۇق شېرىكلىرى بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل 2-ئايدا سولومون تاقىم ئارىلىدا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك ۋە بىخەتەرلىك مەنبەسى تەمىنلەشنى ۋەدە قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ زور تەسىر كۈچكە ئېرىشىشىگە قارشى تۇرىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سولومون تاقىم ئاراللىرى 3-ئايدا بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەر مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قارىلىپ كەلگەن رايوندا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالغان.
خىتاي-سولومون تاقىم ئارىلى كېلىشىمىنىڭ ئاشكارىلانغان لايىھەسىدە، خىتاينىڭ سولومون تاقىم ئارىلىدا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما رايوندىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك، سولومون تاقىم ئارىلى خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتتە ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تىنچ ئوكياندىكى ئاراللاردا، بولۇپمۇ پاپۇئا يېڭى لىنىيەسىدە ھەربىي پورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي بازىغا ئېرىشىشنى خالايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى خىتاي پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قايتىدىن قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىغا ئەڭ يېقىن بولغان بۇ ئارال دۆلەت كېيىنچە ئاۋسترالىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ بازىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ يىل 12-ئاپرېلدا ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ قوماندانى سامۇئىل پاپارو خىتاينىڭ سولومون تاقىم ئارىلى بىلەن تۈزگەن يوشۇرۇن بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىغان. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسونمۇ 13-ئاپرېل ئاۋسترالىيە ئالىي ئەمەلدارىنىڭ سولومون تاقىم ئارىلىغا بېرىپ باش مىنىستىر ماناسېخ سوگاۋارې بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە خىتاي-سولومۇن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ