شاڭخەيدە ئۈچ ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك قامال سەۋەبلىك، خىتايلارنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى دۆلەت شېئىرىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى سەزگۈر ئىبارىلەر قاتارىدا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن چەكلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەر سەۋەبلىك نارازىلىقى كۈچەيگەن خىتايلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتاي رېجىمىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك تور باشقۇرۇش دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى بولغان سىنا مىكرو بىلوگىدا (ۋېيبو) بىر قىسىم سەزگۈر سۆزلەرنى چەكلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي دۆلەت شېئىرىنىڭ بىرىنچى مىسراسى بولغان «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار» دېگەن جۈملىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئىزدىگەندە ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ، سىنا تورى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە قاتتىق كۈلكىگە قالغان بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭدىن يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل چەكلىمىنى يولغا قويۇشى ئەمەس بولۇپ، 2020-يىلى ۋۇخەندە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندا، ۋىرۇس مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان دوختۇرنىڭ ئۆلۈمى توردا نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقتىن، بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرى ئوخشاشلا دۆلەت شېئىرىنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم