خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى خىتايغا توشۇشنى داۋاملىق كۈچەيتتى

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى ئالدىنقى پەسىلدە تەخمىنەن 29 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى» بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدا، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى 28 مىليارد 925 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 7 مىليارد 376 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، خىتايغا توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %25.5 ىنى ئىگىلىگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى ھەرخىل ناملار بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇپ كەلمەكتە.  خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا يەنە ھەرخىل يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان. بۇ يىل 1-پەسىلدە ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 144 مىڭ 500 كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىرى 79 مىڭ 500 كىلوۋات، قۇياش ئېنېرگىيەسى 40 مىڭ كىلوۋات، ئېشىنچا ئىسسىقلىق، ئېشىنچا گاز، ئېشىنچا بېسىم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 25 مىڭ كىلوۋات ئىكەن. 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى»نىڭ پۈتۈن تور ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 107 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 37 مىليون 206 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %34.61 ىنى ئىگىلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىرىلغان ئېنېرگىيەنى تۆت يول ئارقىلىق خىتايغا توشۇغان. 1-پەسىلدە 750 كىلوۋولتلۇق قومۇل-دۇنخۇاڭ، يەندۇن-شاجوۋ بىرىنچى، ئىككىنچى توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى 4 مىليارد 590 مىليون كىلوۋات سائەت، جەنۇبىي قومۇل-جېڭجوۋ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى 11 مىليارد 467 مىليون كىلوۋات سائەت، سانجى-گۇچۈەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكىنىڭ خىتايغا توشۇلۇش مىقدارى 12 مىليارد 867 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

خىتاي «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى» شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1558 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2022 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق