خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ يۇقۇملانغۇچىلار بايقىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە شىخۇ شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر كىشى بايقالغان. ئۇندىن باشقا شاڭخەيدە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئاپرېل چۈش ۋاقتىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخۇ شەھىرىدە يېڭىدىن بىر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر بىمار 15-ئاپرېل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىر بىمارنىڭ سىڭلىسى ئىكەن. مەزكۇر بىمار 15-ئاپرېل يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچى دەپ قارىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان. 18-ئاپرېل قايتا تەكشۈرۈلگەندە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. مەزكۇر بىمار بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان بارلىق كىشىلەر ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.
نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر پەيدا بولماقتا.
ئۇندىن باشقا شاڭخەي شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەر بايقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى يەنىلا يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. BBC نىڭ مۇخبىرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شاڭخەيدىكى پەقەت بىر دوختۇرخانىدىلا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن 30 غا يېقىن كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئەمما خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى ئەھۋالنى بۇرۇنقىدەكلا يوشۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا پۈتۈن شاڭخەي بويىچە پەقەت ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىكى بىۋاسىتە سەۋەبىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ئەمەس، بەلكى يۈرەك كېسىلى، قان بېسىمى، دىيابېت دېگەندەك كېسەللىكلەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك شاڭخەي شەھىرىدە ئۈچ ھەپتىدىن بېرى ئومۇميۈزلۈك قامال ئىجرا قىلىنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ