خىتاي ئىقتىسادى تۇنجى پەسىلدە زەربىگە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زور كۆلەمدە يامرىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە ۋە كۆپلىگەن ساھەلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاران %4.8 بولۇپ، مۆلچەردىكى نىسبەتكە يېقىنلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى خىتاي GDP سىنىڭ تۇنجى پەسىللىك ئېشىش نىسبىتىنى %5.3 دەپ مۆلچەرلىگەنىكەن.

خىتاي يەنە بۇ يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، تۇنجى پەسىلىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىلا %5.5 گە يېتىپ بولغان. پەقەت 3-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىلا %5.8 كە يەتكەن. چوڭ شەھەرلەردىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالى كىچىك شەھەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغان.

ئۇندىن باشقا تۇنجى پەسىلدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە خىتايدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان يۇقۇمدىن ئىبارەت كۆپلىگەن سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان» دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلار خىتايدىكى بىر تۈركۈم زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ يۇقۇم سەۋەبلىك تاقالغانلىقىنى، بۇنىڭ بەزى خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە مەھسۇلات تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىمپورت مىقدارىنىڭمۇ ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 824 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2022 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق