شاڭخەيدە خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەر كۆپەيمەكتە

شاڭخەيدىكى خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقتىن يەنە بىر رايون تاقالغان بولۇپ، خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە مەزكىزى ھېسابلىنىدىغان شاڭخەي شەھىرىدە 16-ئاپرېل خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. شەھەر يۇقۇم سەۋەبلىك ئىككى ھەپتە تاقالغاندىن كېيىنمۇ ۋىرۇسنىڭ يامراش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇملانغۇچىلارنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا تاقاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

خىتاي سەھىيە كومىتېتى شاڭخەيدە بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە 3590 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، 19 مىڭ 923 كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 23 مىڭ 513 گە يېتىپ، شۇ كۈنى پۈتۈن خىتايدىكى يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتىنىڭ %95 نى ئىگىلىگەن.

شاڭخەي شەھىرىدىكى قامال پەسەيمىگەن بىر پەيتتە، خېنەندىكى جېڭجۇ ئايرودۇرۇمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن، 15-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتۈن رايوندا 14 كۈنلۈك قاتناش كونتروللۇقى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى فۇشىكاڭنىڭ زاۋۇتى مەزكۇر تاقالغان رايونغا جايلاشقانىكەن. يېڭى چەكلىمىلەر بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنى كېچىكتۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى قالايمىقان قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلار بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇندىن باشقا شىئەن دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئاي ئىچىدە مەزكۇر رايوندا ئون نەچچە يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، 13 مىليون ئاھالە جايلاشقان بۇ رايون قىسمەن قامال قىلىنىدىكەن.

شاڭخەيدىكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئومۇميۈزلۈك قامال، ۋىرۇس ۋەھىمىسى، يېمەك-ئىچمەك قىسلىقى ۋە داۋالىنىشنىڭ تەسلىكى شاڭخەيلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ تارقالماقتا. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى سىنلاردا نەچچە يۈزلىگەن، نەچچە مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزى سىنلاردا بولسا ساقچىلار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى كارانتىن قىلىشقا مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغانلىقى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئۇرۇپ، سۆرەپ ماشىنىغا سالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى سىنلار ۋە ھالقىلىق سۆزلەر خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن تېزلىكتە ئۆچۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 973 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2022 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق