خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىپ قويدى.
سىياسەت تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، 13 ياشلىق قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۇيغۇرنى گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەسلى 13-ئاپرېل كەچ ۋاقتىغا پىلانلانغان. ئەمما سەئۇدى دائىرىلىرى خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان.
مەزكۇر مەسىلىسىگە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىۋىتتېر ھېسابىدا يازما يوللاپ، مەزكۇر تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزى خالىغان دۆلەتكە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشقا ئۈندىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 14-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر ئۇيغۇر ئايال خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇندىن بىر ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى 2020-يىلى 20-نويابىر تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەنىدى. بۇخەلچەم ئابدۇللاھ خانىم نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بولۇپ، بۇ يىل 30-مارت مەككە ئەتراپىدا 13 ياشلىق قىزى بىلەن قوشۇلۇپ سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم