ئامېرىكا ئۆمىكى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە نارازىلىقىغا قارىماي تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن كۈتۈۋالغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 14-ئاپرېل كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ بارغان ۋە 15-ئاپرېل ئەتىگەندە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەن.  تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارەت ئۆمىكى ئالتە ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۆمەككە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز مەسئۇل بولغان. بۇ زىيارەت ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنىڭ تەيۋەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئاسىيا سەپىرىنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان مۇھىم زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بوب مېنېندېز تەيۋەننىڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 2-ئايدا ئامېرىكىدىن تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ نامىنى «تەيۋەن ۋاكالەتخانىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى بىرلىكتە سۇنغان.

تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى، رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن پەيشەنبە مەزكۇر زىيارەتنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەر قانداق يوسۇندىكى رەسمىي ئالاقىسىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىغان بىر خىتاي سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بولغان رەسمىي ئالاقىنى توختىتىشى ۋە خەتەرلىك يولدىن قايتىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان پەيشەنبە كۈنىدىكى بىر سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. سۇلىۋاندىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان-ئەنسىرىمەيدىغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، سۇلىۋان بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەيۋەنگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ قانۇننى ئاساس قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۇلىۋاندىن يەنە ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقى سورالغاندا، ئامېرىكىنىڭ رەسمىي مەيدانىنىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قەتئىي يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1152 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2022 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق