ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇسىيەنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالغاندا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى ۋە خىتاينى پۇتىننىڭ ئۈنسىز شېرىكى، دەپ سۈپەتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس 14-ئاپرېلدىكى باياناتىدا: «دۇنيا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ خېيىم-خەتەرگە بولغان ئىشتىھاسى رۇسىيەگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇ يەنە: «پۇتىن ۋە رۇسىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ھېچقايسىمىز ئۇلارنىڭ تاكتىكىلىق ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېرىمىل سارىيىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۈمىدسىزلىككە پاتقان پەيتتە، يادرو قورال ئامبىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
پۇتىن پەيشەنبە يەنە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزى رايونىغا يادرو ئوق بېشى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا يېقىندا ئۇكرائىناغا ياردەملىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىناغا بەرگەن ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك ياردىمى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى يادرو، بىيولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىدىغان قوغدىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارى ۋىليام بۇرنس يەنە خىتاينى «پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدىكى ئۈنسىز شېرىكى» دەپ ئاتاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەربكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ مۇھىم خىرىسنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنولوگىيەلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خىرىس. ئىستىخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە تەسىرى كۈچلۈك رەقىبنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ