بىر قىسىم تۈرك شىركەتلىرى خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئالداندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مېتال باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى بىر قىسىم ئالدامچىلىقلارغا يول ئاچقان بولۇپ، يېقىندا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ بىر نەچچە تۈرك شىركەتلىرىنى ئالدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر خىتاي شىركىتى بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا مال سېتىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىش ئارقىلىق، بىر نەچچە تۈرك شىركىتىنى ئالدىغان. بۇ ئالدامچىلىق تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن مەزكۇر شىركەتلەرگە ئۇقتۇرۇلغان.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى مەسلىھەت ئورگىنىنىڭ سودا ئېكسپورتچىلار كېڭىشى ئەۋەتكەن ئاگاھلاندۇرۇش خېتىدە، بىر قىسىم تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ مېتال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن ئالدانغانلىقى ۋە زىيان تارتقانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەتتە خىتايدىكى بازار ۋە ئېكسپورت باھاسىنىڭ خەلقئارادىكى باھا بىلەن ماس قەدەمدە ئىكەنلىكى، ئەمما نۇرغۇنلىغان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ يېقىندا بازار نەرقىدىن تۆۋەن باھادا بېرىشكە ۋەدە بەرگەن خىتاي شىركەتلىرىگە ئالدىن نەق پۇل تۆلىگەنلىكى، نەتىجىدە مەزكۇر تۈرك شىركەتلىرى مەھسۇلات سېتىۋالالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئالدانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەتتە يەنە گەرچە تۈرك شىركەتلىرى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى مەسلىھەت ئورگىنى ۋە سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تۈرك شىركەتلىرىنى ئالدىغان خىتاي شىركىتىنىڭ «ئىچكى موڭغۇلىيە جۈنسەي خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيە جۈنسەي خىمىيە سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئالدانغان تۈرك شىركەتلىرى جەمئىي ئۈچ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ مىليون دوللار پۇلى ئالداپ ئېلىۋېلىنغان. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مەسلىھەت ئورگىنى ئالدامچىلىق دېلوسىنى خىتاي سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە دوكلات قىلغان.

نۆۋەتتە ئوندىن ئارتۇق تۈركىيە شىركىتى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سودا مەسلىھەت ئورگىنىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، خىتاي شىركەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاشنى تەلەپ قىلغان. گەرچە بۇ ۋەقە رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقى ئاشكارىلانغان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سانى كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1781 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2022 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق