ئامېرىكا: خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا

ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ئاپرېل «2021-يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تەكىتلەنگەندىن سىرت، خىتاي قاتارلىق دىكتاتور كۈچلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى تەنقىد قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنىڭ چېكىنىشىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى، جەسەتلەر قوللىرى باغلانغان ھالدا كوچىدا قالغانلىقىنى، تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ پۇقرالار بىلەن قوشۇلۇپ خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى، قىز-ئاياللارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقىنى، قورشاۋدا قالغان بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ئاچلىقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن يەنە 2021-يىلدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايى قىلمىشلىرى گەۋدىلىك بولغان خىتاي، ئىران، سۇرىيە، بېلارۇسىيە، كۇبا، مىسىر، ئېفىيوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىلغا ئالغان.

بىلىنكېن باياناتىدا خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكى ۋە يۈكسەك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، تىبەت خەلقىنى سىستېمىلىق باستۇرغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ 90 بەتلىك قىسمى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سىياسىي مەقسەت بىلەن قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، قىيناش، رەھىمسىز ۋە پەسكەش ۋاسىتىلەر بىلەن جازالاش، ئادىل ۋە ئوچۇق سوت تەرتىپىنى رەت قىلىش، كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىگە قانۇنسىز ئارىلىشىش، سۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىش، تىنچ يىغىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دىن ئەركىنلىكى، پائالىيەت ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى، ئەمگەك ئەركىنلىكى ۋە كوللېكتىپ كېڭىشىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش، ئەمگەك ۋە كەسىپ ساھەسىدە كەمسىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق دوكلات ئارقىلىق خىتايغا قارا سۈركىگەنلىكى، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى، ئامېرىكىدا تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1118 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2022 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق