لاگېر شاھىتى ئوبۇلبېك تۇرداخۇن شەرقىي تۈركىستاندىن چېگرا ئارقىلىق قىرغىزىستانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىققان بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن.
ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستانلىق قىرغىز شاھىت ئوبۇلبېك تۇرداخۇن جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چېگرا ئارقىلىق قىرغىزىستانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىققان ۋە 8-ئاپرېل ئايالى ۋە 12 ياشلىق ئوغلى بىلەن ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ بارغان.
ئۇ «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي ساقلاپ، ئاخىرى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئامېرىكىغا كىرىش رەسمىيىتىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن يۈز كۈندىن ئارتۇق ساقلىدۇق. بىز ئۈچۈن ئامېرىكىدا بولۇش ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوبۇلبېك تۇرداخۇن 2018-يىلى 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن ۋىزا ۋاقتى توشقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. سوراق جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە قىرغىزىستان پۇقراسى بىلەن توي قىلغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇندىكى ۋاقتىدا دوختۇرلار ئۇنىڭغا نامەلۇم ئوكۇل ئۇرغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سولانغان 23 تۇتقۇنغىمۇ ئۇ ئوكۇلنىڭ زۇكامغا قارشى ۋاكسىنا ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. ئەمما لاگېردىكىلەرگە ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن قۇلاق ۋە قول-پۇتلىرىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئوبۇلبېك تۇرداخۇن جازا لاگېرىدا 10 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. سىرتقا چىققاندىن كېيىن يول مېڭىشتا بىر مەزگىل قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
ئوبۇلبېك تۇرداخۇن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدە بىر يىل نەزەربەند قىلىنغان. ئۇ قايتا قولغا ئېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە 2019-يىلى قىرغىزىستانغا قېچىپ چىققان. قىرغىزىستاندىكى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ بانكا ھېساباتى توڭلىتىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
نۆۋەتتە يەنە بىر جازا لاگېرى شاھىتىنىڭ بىخەتەر دۆلەتكە يېتىپ بېرىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ