خىتاي ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالىي ئورگىنىغا سوۋغا قىلغان چايداندىن جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسى تېپىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى شىن بېت خىتايدىن كەلگەن سوۋغات بۇيۇملىرىنى يىغىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
تۈركىيە سۆزچى تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلار تەبرىكلەيدىغان پاسخا بايرىمىغا ھەدىيە سۈپىتىدە ئەۋەتكەن سوۋغاتلىق بۇيۇمدا جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسىنىڭ بايقىلىشى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىسرائىلىيە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىغا سوۋغا قىلغان چايداندىن ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈسكۈنىسى دەپ قارالغان ئۈسكۈنە بايقالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى شىن بېت مەزكۇر ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارغا خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئەۋەتىلگەن سوۋغاتلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ئورىت فاركاش ھاكوھېنغا ئەۋەتىلگەن سوۋغاتتىكى گۇمانلىق ئۈسكۈنە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى جەريانىدا بايقالغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئىسرائىلىيە قاتناش ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا نۇرغۇن سوۋغات ئەۋەتكەنلىكى، تەكشۈرۈلگەن بەزى سوۋغاتلاردا گۇمانلىق بۇيۇملارنىڭ تېپىلمىغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كەلگەن خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە يېقىندىن بۇيان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، بۇلتۇر خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدىن قىلغان ئىمپورت مىقدارى ئامېرىكىدىن ئېشىپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ