پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۆزىگە قارشى سايلامنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنى «ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىش سۇيىقەستى» دەپ ئاتىغان. ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا ئىمران خاننىڭ بۇ پىكىرىنى رەت قىلغان.
«پاكىستان كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان ئۆزىنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇش مەسىلىسىنى «ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىش سۇيىقەستى» دەپ ئاتىغان. ئىمران خان ھۆكۈمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئىبارىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى خائىن دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. پاكىستاندىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ باياناتىنى رەت قىلغاندىن باشقا، پاكىستاننىڭ يېقىن دوستى بولغان خىتايمۇ ئىمران خاننىڭ بۇ قارىشىنى رەت قىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىشنىڭ پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى دەپ قارالغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئانالىز خەۋىرىدە پاكىستان بىلەن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىشىنىدىغانلىقى، چۈنكى ئىمران خاننىڭ ئورنىغا چىققان شەھباز شەرىف ئائىلىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ كەلگەنلىكى، شۇڭلاشقا پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ شەھباز شەرىف ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىمران خان مەزگىلىدىكىدىنمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.
پاكىستانلىق خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى رانا ئەلى قەيسەر خان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئامېرىكا پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىكى رولىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، پاكىستاندىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىچكى سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، تاشقى كۈچنىڭ ھېچقانداق تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چيەنفېڭ ئىمران خاننىڭ باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، پاكىستاننىڭ رايوندىكى ئاساسلىق مۇستەقىل كۈچ ئىكەنلىكىنى، پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا يېقىن ئىتتىپاقداشلىقتىن ياتلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى ئوبرازىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى، پاكىستاندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ۋە ھۆكۈمەت ئالمىشىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە يېڭىدىن پاكىستاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى شەھباز شەرىفنىڭ رەسمىي خىزمەت باشلىغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا شەھباز شەرىف خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ھىندىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى ئىمران خاننىڭ رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قانداق ساقلىغانلىقىغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە سىياسىي سەھنىدىكى بۇ ئۆزگىرىش پاكىستاننىڭ بىتەرەپلىكىنى بۇزغان ۋە پاكىستاننىڭ دۇنيا كۈچلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئورۇنسىز ھالدا جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان. بۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئىمران خانغا قارشى چىقىش پاكىستاننىڭ ئىچىدىن باشلىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر قىسىم ئانالىزچىلار پاكىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشىدا خىتاينىڭ قولى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ