كانادا سوتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەلىپىنى رەت قىلدى

كانادا فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ھەققىدىكى تەلەپنى رەت قىلدى.

كانادا دۆلەتلىك ئوبزورچى تورىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر كانادا فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىگە كانادا چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەلەپ ئەرزى سۇنغان. سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا قارشى ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، تاموژنا قانۇنى ياكى تاموژنا بېجىغا ئالاقىدار ماددىلاردا چېگرا ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر تەلەپ بويىچە ئىش كۆرۈشىگە مەجبۇرلايدىغان ھېچقانداق بەلگىلىمە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىمۇ بۇندىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە چەكلەش قارارى چىقىرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەلەپنى يېقىندا ۋاپات بولغان سابىق كابىنېت مىنىستىرى داۋىد كىلگور ۋە «جىددىي ئېھتىياجلىق مۇساپىرلارنى قوللايدىغان كانادالىقلار» ناملىق ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى سۇنغان. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئىمپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئەرزدە يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا، جۈملىدىن قاتتىق نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش ۋە دىنىي، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى باستۇرۇشقا ئائىت ئىشەنچلىك دوكلاتلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1003 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2022 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق