ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى دۇنيا بانكىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قەرز بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 11-ئاپرېل دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاسقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، دۇنيا بانكىسى قارمىقىدىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تۆت شىركەتكە قەرز بېرىش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەكتۇپتا دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان تۆت شىركەتنى كەم دېگەندە 486 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر خەتنىڭ يېزىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا سودا قىلىدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.
مەكتۇپتا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىپ، سىرتقى دۇنيانىڭ تەكشۈرۈشىگە غايەت زور خىرىس ۋە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا ئېلىش ياكى باشقا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك خەۋپلەرگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىن بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مەكتۇپتا يەنە تۈرلۈك توسالغۇلار سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنلىقى، ئەمما ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى «ئاتلانتىك كېڭىشى»نىڭ دوكلاتىدا خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىنى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى، شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيا بانكىسى مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرگىلى بولغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر دۇنيا بانكىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرگە قەرز بېرىشنى توختاتمىغان تەقدىردە، كومىتېتنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىدىن دۇنيا بانكىسىنىڭ ئامېرىكا ئىجرائىيە دىرېكتورىغا، ئالاقىدار ھەرقانداق قەرز بېرىش ياكى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قارارلىرىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ