ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى «تەيۋەن قورال-ياراغ ئېكسپورتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم قوراللارنىڭ تەيۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلى 8-ئاپرېل ئامېرىكا پارلامېنتىغا «تەيۋەن قورال-ياراغ ئېكسپورتى قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغان. بۇ لايىھە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قورال ئېكسپورتىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، مەمۇرىي توسالغۇلارنى تۈگىتىدىكەن ھەمدە مۇھىم قوراللارنىڭ تەيۋەنگە يەتكۈزۈلۈشىنى تېزلىتىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىش قارارلىرىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى يېرىم ھەسسە قىسقارتىلىدىكەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
جوش خاۋلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشتىن توسۇشنىڭ ئاچقۇچى تەيۋەننىڭ مىنا، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە باشقا مۇداپىئە ئىقتىدارى قاتارلىق ئۆزىنى قوغداش قورالىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى تەيۋەننى «ئېكسپورت باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ A:5 تۈرىدىكى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، تەيۋەنمۇ ئۇلاردەك ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قوراللارنى سېتىش ئوبيېكتى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىرى ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيە، كورىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار بار ئىكەن. سېتىۋېلىش تەلىپى 25 مىليون دوللاردىن ئاشقاندا، پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئەۋەتىلىدىكەن. ئىككىنچىسى بولسا تەيۋەنگە ئوخشاش دۆلەتلەر بولۇپ، سېتىۋېلىش پىلانى بىر مىليون 400 مىڭ دوللاردىن ئاشسىلا، پارلامېنتقا ئۇقتۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. تەكشۈرۈش مۇددىتى 30 كۈن ئىكەن.
ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، پارلامېنتنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ پارلامېنتتا تەكشۈرۈلۈش ۋاقتى 30 كۈندىن 15 كۈنگە قىسقىرايدىكەن. جىددىي ھالەتتە قورال-ياراغنى تەيۋەنگە يەتكۈزۈش تېخىمۇ راۋانلىشىپ، پۈتۈن باسقۇچلار 35 كۈندىن 55 كۈنگىچە تاماملىنىپ بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ