خىتاي ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» ئايلىق يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى تېررور سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» 8-ئاپرېل ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. يىغىندا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدارلاردىن نۇرلان ئەبىلمەجىن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. يىغىندا يەنە خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلغۇزۇش» قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى قايتا تەكىتلەنگەن.

قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىنى خىتاينىڭ تارىخىغا باغلاپ تونۇشتۇرغان. خىتاي ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخىي جايلار ۋە مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ ساياھەت رايونى قۇرۇپ، خىتايلارنىڭ ساياھەت قىلىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەدرىجىي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېتىقادى، مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1689 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2022 11:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق