دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تۆت ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
9-ئاپرېل ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك قاتارلىق تەشكىلات، مۇنبەرلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۆت ئۇيغۇر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە «رامىزان ئېيى رەھىم-شەپقەت ئېيى، قىرغىنچىلىق ئېيى ئەمەس»، «ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىندىشىڭلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا قايتۇرماڭلار» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، سەئۇدى دائىرىلىرىنى مەزكۇر تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى. ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىنىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قەتئىي ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكى، ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تەقدىردە، ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سەئۇدى دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.
بۈگۈن يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن تۆت ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۆت ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات ۋە تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، «ھەمدۇللاھ ۋەلىگە ئەركىنلىك!»، «نۇرمۇھەممەد روزىغا ئەركىنلىك!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشچىلار يەنە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، سەئۇدى دائىرىلىرىنى ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن بارغان مەزكۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى خىتاي تېررور رېجىمىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 20-نويابىر خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن ھەمدۇللاھ ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەنىدى. بۇخەلچەم ئابدۇللاھ بولسا نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بولۇپ، بۇ يىل 30-مارت مەككە ئەتراپىدا 13 ياشلىق قىزى بىلەن قوشۇلۇپ سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.