بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەن بۇخەلچەم ئابدۇللاھ 9-ئاپرېل كەچتە فېيسبۇك ئارقىلىق ئۆزى ۋە قىزىنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە سىن تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر سىندا بۇخەلچەم خانىم ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە يىغلىغان ھالدا نىدا قىلىپ، ئۆزى ۋە 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەھمەدنىڭ سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن رىيادقا ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى، ئۇلارنى خىتايغا يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى.
بۇخەلچەم خانىم سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بولۇپ، 30-مارت مەككە ئەتراپىدا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا.
جۈملىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ خاتا قارارىنى توسۇپ قېلىشقا چاقىردى. باياناتتا تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئەلچىخانىسى، پاناھلانغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەزكۇر تۆت ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغىمۇ چاقىرىق ئەۋەتىپ، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «13 ياشلىق ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تۆت كىشىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەلقئارالىق قانۇنغا دەرىجىدىن تاشقىرى خىلاپ» دېگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ